ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتاي ئۆزىنىڭ «خىتاي ساقچى پونكىتى» غا ياردەملەشكەنلىكىنى تەن ئالغان

بىرىتانىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ 18-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى چېن جىنپىڭ ئىسىملىك خىتاي 2022-يىلى نيۇ-يوركتىكى «خىتاي شەھەرچىسى» دە يوشۇرۇن ساقچى پونكىتى قۇرۇپ چىققانلىقى ۋە ئۇنى ماڭدۇرغانلىقىنى تەن ئالغان. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر ساقچى پونكىتى ئاساسلىقى شۇ ئەتراپتىكى دېموكراتچى خىتايلارغا پايلاقچىلىق قىلىشقا مەسئۇل بولغان.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، نيۇ-يورك شەھىرىدە «چاڭلې جەمئىيىتى» دېگەن نامدا قۇرۇلغان بۇ يوشۇرۇن ساقچى پونكىتىنى 2022-يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) بايقىغان ۋە پاچاقلاپ تاشلىغاندىن كېيىن، چېن فامىلىلىك خىتاي ۋە ئۇنىڭ خىتاي شېرىكى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى (ج خ) مىنىستىرلىقى بىلەن يېزىشقان تېلېفون ئۇچۇرلىرىنى تېزدىن يۇيۇۋەتكەن. 2023-يىلى ئاپرېلدا ئۇلار رەسمىي ھالدا قولغا ئېلىنغان. 18-دېكابىر كۈنى چېن جىنپىڭ ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ماسلىشىپ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى تەن ئالغان ھەمدە سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا يوللانغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭغا بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 53 دۆلەتتە مۇشۇ خىلدىكى يوشۇرۇن «ساقچى پونكىتلىرى» ئاز دېگەندىمۇ يۈزدىن ئاشىدىغان بولۇپ، چەت ئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باش ۋەزىپە قىلغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ پىكىرنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ جايلارنىڭ «ساقچى پونكىتى» ئەمەسلىكىنى، بەلكى چەت ئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى كۆزلىگەن مۇلازىمەت پونكىتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا پۇقرالىقىدىكى خىتايلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى جاسۇسلۇق قىلمىشى كۆپلەپ پاش بولۇۋاتقان بولۇپ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن روبېرت ۋېللىس (Robert Wells) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «چېن جىنپىڭنىڭ قىلمىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كومپارتىيەگە قارشى سۆز قىلغانلارغا تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندە قىلىشتەك رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.