خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا چەرچەن ناھىيەسىدە «يىلتىز تارتقان» خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى مەدھىيەلەنگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.04.13

خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ 2000-يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىللىرى 2014-يىل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭدا يىلتىز تارتقان 14 يىللىق خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھاياتى» دىن دوكلات بەرگەن. شى جىنپىڭمۇ ئۇلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، «چېگرا رايوننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇۋاتقان سىلەردەك ياشلاردىن پەخىرلىنىمەن» دېگەن.

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» دا ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان بۇ خەۋەردە، 2000-يىل باۋدىڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن 15 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ چەرچەن ناھىيەسىگە بېرىپ، بىر تۇرغانچە 22 يىل تۇرۇپ يەرلىشىپ كەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ چەرچەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغانلىقى، 22 يىل مابەينىدە ئۇلارنىڭ «نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلىگەنلىكى» مەدھىيەلەنگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 15 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى چەرچەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ سىنىپ مەسئۇلى بولغان. بۇ مەكتەپكە 100 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە 1100 ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئايلانغان.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ياتاقلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بەلكىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى تۈرمە-لاگېرلارغا، بالىلىرىنى بولسا ياتاقلىق مەكتەپكە سولاپ تەربىيەلىشىنىڭ مەھسۇلى؛ خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بۇ يىل ئىچكىرى خىتايدىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۇيغۇر رايونى ۋە بىڭتۇەنگە بېرىشقا سەپەرۋەر قىلىشى مۇمكىن؛ بۇ خىل خەۋەرلەر شۇنىڭ ئېلان-تەشۋىقاتى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.