ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خىتاي مەدەنىيىتى تەشۋىقاتى يىغىنى ئېچىلغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-01-06
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى» سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان. يىغىندا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تىكى 10 تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى تەشكىللەش، قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ يەردىكى «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنى «مەدەنىيەت» ئارقىلىق تەربىيەلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ئىكەن.

يىغىندا يەنە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلاپ مەدەنىيىتى، سوتسىيالىستىك مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەمنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلب ئېتىزىنى سۇغىرىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش» تەلەپ قىلىنغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» دېگىنى خىتاينىڭ «ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت يوق، كەم ياكى قالاق» دېگەنلىكى بولۇپ، مۇشۇنداق كۈلكىلىك شوئارلار بىلەن ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت زوراۋانلىقى يۈرگۈزمەكتە ئىكەن. مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھازىر ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن كومپارتىيە ئىدىئولوگىيىسىنى، باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ كونا مەدەنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش قەدىمىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تېزلەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت