خىتايدا يەنە ئۆسمۈرلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.05.22

خىتايدا يەنە ئۆسمۈرلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 7 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، خىتاي ئاخباراتى ھۇجۇمچىنىڭ «روھى كېسەل» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇم سەيشەنبە كۈنى كەچقۇرۇن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ماۋنىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا مەكتەپتىن قايتىۋاتقان 6 ئۆسمۈر ۋە نەق مەيداندا بار بىر ئايال يارىلانغان.

ماۋنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇماندار قولغا ئېلىنغان، زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقان.

گۇماندار بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن لياۋ ئىسىملىك خىتاي ئەر ئىكەن.

ساقچى ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا گۇماندارنىڭ روھىي كېسەل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنىڭ جەريانى ۋە سەۋەبىنى ئاشكارىلىمىغان.

خىتايدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرى كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا خېنەن ئۆلكىسىدە بىر خىتاي ئەر مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ 23 ئۆسمۈرنى چاناپ يارىلاندۇرغان ئىدى.

ئەينى چاغدا خىتاي ئاخباراتى بۇ گۇماندارنىڭمۇ «روھىي كېسەل» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.