ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك ئاياللار قۇرۇلتىيى 13-ئىيۇن كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان. يىغىنغا بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا بىر قاتار يېڭى سىياسىي ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى خۇاڭ شياۋۋېي بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا ئالاھىدە سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە: «شىنجاڭدىكى ئاياللار خىزمىتى ھازىر تارىخىي بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاياللار خىزمىتىدە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ھەمدە شى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىش مۇھىم نۇقتا بولۇشى لازىم» دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاياللار دۇنياسى ئۈچۈن «پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇ جەرياندا جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدىغانلىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇيمۇ مۇشۇ مەزمۇندىكى سۆزلەرنى قىلغان ھەمدە ئاياللارنى بۇ جەھەتتە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان. يىغىندا ئاينۇر مەقسەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ «سايلانغان».
يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان تۈرلۈك ھۆججەتلەر ۋە ئارخىپلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشىدا ئاياللار ۋە بالىلارنىڭمۇ نىشان قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنىدى.
نوپۇس چەكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تۇغماس قىلىش، ئانىلار، ياش قىزلارنى كۆپلەپ لاگېرلارغا سولاش، تۈرمىلەرگە مەھكۇم قىلىش، بالىلارنى ئانىلىرىدىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق قىلمىشلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. يېقىندا پاش بولغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە كۆپساندا ياش قىزلار، چوڭ ياشتىكى ئانىلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردە پاش بولغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بولسا «جۇڭخۇا ئورتاق گەۋدىسى چۈشەنچىسى» ۋە «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» دېگەنلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر دىيارىنى ئۈزۈل-كېسىل خىتاي ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئاياللار قۇرۇلتىيىدا بۇ سىياسىي نىشانلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاياللار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ئاياللارنى ۋاسىتە قىلغان ھالدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا ئىكەن.