خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرومىدا سىناق ئۇچۇشلىرىنى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.12.23

12-ئاينىڭ 23-كۈنى تاشقورغان ناھىيەسىدىكى قونجېراب ئايرودرومىدا تۇنجى قېتىملىق سىناق ئۇچۇش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئايرودروم رەسمىي ئۇچۇشقا تەييار ھالەتكە كىرگەن.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئايرودرومدا 10 كۈن سىناق ئۇچۇشى ئېلىپ بېرىلىدىكەن ۋە 2022-يىلىنىڭ ماي ئېيىدا رەسمىي قاتناشقا ئېچىلىدىكەن.

قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئاقتام بازىرىغا جايلاشقان بۇ ئايرودروم تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرومى بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ 13-بەش يىللىق پىلانىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ يىل 8-ئايدا ئايرودروم قۇرۇلۇشىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقاندا مەزكۇر ئېگىزلىك ئايرودرومى قۇرۇلۇشىنىڭ دەل ئامېرىكا ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرگەن، تالىبانلار ئافغانىستاننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىشى دىققەت قوزغىغان.

تاشقورغان ناھىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن بىلەن چېگرالىنىدىغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىسىغا جايلاشقان بولۇپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ بۇ ئايرودرومنى جىددىي تۈردە ياسىشى تالىبانلار ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىنكى ئافغانىستاننىڭ مۇرەككەپ ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ئايرودروم ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودرومى بولۇپ، ئۇ يىللىق 160 مىڭ ئادەم قېتىم ۋە 400 توننا يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.