ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرىدىن جېف مېركلى (Jeff Merkley)، جەمېس مەكگاۋېرن (James McGovern)، تام مالىنوۋىسكى (Tom Malinowski)، توماس سۆزى (Thomas Suozzi) قاتارلىقلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كلاۋۇد ھىللېر (Claud Heller) غا خەت يېزىپ، خىتايدا بولۇۋاتقان ۋەھشىي قىيىن-قىستاق، تەن جازالىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈشنى كەينىگە سۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتى 2015-يىل خىتايدىكى تەن جازاسىنى تەكشۈرگەندىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ زۇلۇم ناھايىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى بۇنىڭغا يېقىندىن دىققەت قىلغان ھەمدە مەسىلىنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ يېتىپ، مەزكۇر كومىتېتنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلغان.
بۇ خەتتە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارنى قىيناش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى 2019-يىل 12-ئايدىن بۇرۇن ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتىغا يوللىشى كېرەك بولسىمۇ تېخى يوللىمىغان.
بۇ خەتتە، تۈرمىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان شاھىتلارنىڭ بايانلىرى بىلەن بېرىلگەن پاكىتلار ئاساس قىلىنغان ھالدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زور كۆلەملىك لاگېر، قاماقخانا ۋە تۈرمىلەردە مەھبۇسلارنى قىيناشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ئىكەنلىكى، زورلاپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، بەزى مەھبۇسلارنىڭ تەن جازاسىدىن ئۆلگەنلىكى ياكى مېيىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار كۆرسىتىلگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئۇنى جەزمەن تەكشۈرۈشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.