30-سېنتەبىر كۈنى كالىفورنىيەدىكى «پېۋ مەركىزى» ھەرقايسى مەملىكەتلەر ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا 32 دۆلەتتىكى 35 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بۇ راي سىناشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۈچ ئاي داۋام قىلغان.
راي سىناشتا خىتاينىڭ «يۇمشاق كۈچ» سۈپىتىدىكى ئوبرازىغا بېرىلگەن باھا شىمالىي ئامېرىكا، غەربىي ياۋروپا ۋە ئاسىيادا ئۆتكەن يىللاردىكىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن. يەنە كېلىپ خىتاينى ئىزچىل ماختاپ كېلىۋاتقان ئافرىقىدا كېنىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا خىتاينى يامان كۆرۈشكە يۈز تۇتقان.
بولۇپمۇ ھىندونېزىيە، كانادا، شىۋېتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى راي سىناشتا ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى چەكلىشى، خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشى، خىتاينىڭ دېڭىزدىكى ئۆكتەملىكى دېگەنلەر سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتلەردىكى خىتايغا بېرىلگەن باھا تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدە راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 57 پېرسەنتى خىتاينى سەلبىي باھالىغان.