ئولىمپىك خىتايدا «خەتەرلىك خەن ئۈستۈنلۈكىنىڭ نامايەندىسى» گە ئايلانغان

كانادالىق ژۇرنالىست ۋە ئوبزورچى جىن مايكېل كول كانادادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان «ماك-دونالد لاۋرېر ئىنستىتۇتى» نىڭ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا «خەن مىللىتى ئۈستۈنلۈكىنىڭ خەتەرلىك نامايەندىسىگە ئايلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. مايكېل كولنىڭ ئېيتىشىچە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، كوممۇنىزم ئۆزىنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ قانۇنيلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللەتچىلىكنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان.

مايكېل كول «ئولىمپىك خىتايدا خەتەرلىك خەن ئۈستۈنلۈكىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ يېڭى بىر يولغا كىرگەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ قۇترىتىشىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر گۇمانخورلۇققا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «خەن ئۈستۈنلۈكى بىلەن بىرلەشكەن رادىكال خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ سىياسەت بەلگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىلغا ئايلانغانلىقىغا ئائىت ئەندىشە قىلارلىق بېشارەتلەر بار» ئىكەن.

مايكېل كول، بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى خېنەندە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى، توكيودا ‍ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن كۆرۈش مۇمكىنلىكى، خىتاي تەنتەربىيەچىلىرىنىڭ پەيتوپ مۇسابىقىسىدە تەيۋەن ماھىرلىرىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنى بىر ھاقارەت، دەپ قارىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئ‍ۆتكەن.

ئ‍ۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل رادىكال خىتاي دۆلەتچىلىكى مەلۇم جەھەتتىن قىسمەن بولسىمۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە «خەن ئۈستۈنلۈكى» نىڭ سىمۋۇلى بولغان ردىكال خىتاي شوۋىنىزمىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. ئۇ: «ئەگەر رادىكال خىتاي دۆلەتچىلىكى بىلەن خەن ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت بۇ ساغلام بولمىغان ئارىلاشما باستۇرۇلمىسا، خىتاي خەلقئارادا ئۆزىنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى ئىنتايىن ئىسپاتلاپلا قالماي، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئۈمىدىنى قاندۇرالمايدۇ» دەپ ئېيتقان.