خىتاي ھۆكۈمىتى «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» ناملىق تەشۋىقات ھەرىكىتىنى يولغا قويغان
2024.09.05
خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دېموكراتىك ئەللىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ خۇلاسىلەنگەن سىياسەتلىرىنى ئاقلاشنى ئاساسىي نىشان قىلغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 4-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئەمدىلىكتە بۇ خىل تەشۋىقات پائالىيىتىنى يېڭى پەللىگە ئېلىپ چىقىشقا باشلىغان ھەمدە «ئون مىڭلىغان كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» ناملىق بىر ھەرىكەتنى يولغا قويغان. بۇنىڭ تۇنجى مەيدان لېكسىيەسى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە «يۈرۈش قىلغان». بۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش» پائالىيىتىنىڭ خىتاي تەۋەسىگە كېڭىيىۋاتقانلىقى تېخىمۇ ئاشكارا مەلۇم بولغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر پائالىيەت «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بوشلۇقى ئىشخانىسى» نىڭ تەشەببۇسى بىلەن قانات يايدۇرۇلغان ئىكەن. «ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىش» تىن ئىبارەت باش تېمىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بۇ پائالىيەت «مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە سۆزلىشى، تور ئالاقە پائالىيىتى، بىر يۈرۈش قىسقا سىنلارنى تارقىتىش، ماقالىلەرنى يېزىش ۋە تارقىتىش، سۈرەت ۋە كارتون فىلىملىرى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە «بۇ پائالىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ دۇنياغا ئوچۇق ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنىدۇ» دېيىلگەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىشقا ئىنتىلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ھېلىھەم تولىمۇ قاتتىق «ۋىزا سىناقلىرى» غا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى يېقىنقى يىللاردا كۆپلەپ مەلۇم بولغان ئىدى.
خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى تېخى يېقىندا ئۆزلىرى 2022-يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ئىدى بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى خۇلاسە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يولغا قويۇۋاتقان نامۇۋاپىق سىياسەتلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى» دىن قول ئۈزۈپ، قەبىھ زوراۋانلىقىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلغان.