يېقىندا خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بىنادىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن. يەرلىك دائىرىلەر بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن، شۇنداقلا خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان.
خەۋەرلەردە، ئاممىۋى نارازىلىقنىڭ توقۇنۇشقا ئايلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەق مەيداندىن تارقىتىلغان ۋە CNN تەرىپىدىن تەھقىقلەنگەن ۋىدىيولاردا، نەچچە ئونلىغان نامايىشچىنىڭ شەنشىدىكى پۇچېڭ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ سىرتىدا خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقى، بەزى نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارغا قارىتىپ تاش، كالتەك ۋە باشقا بۇيۇملارنى ئاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. بىر نامايىشچىنىڭ ئىشىككە ئوت ئۆچۈرگۈچ ئېتىپ، ئىشىكنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتكەنلىكى، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا شىددەتلىك ھەرىكەت قوللىنىپ، بەزى نامايىشچىلارنى ئۇرغانلىقى، بەزىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ياتقۇزغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نارازىلىقنى پۇچېڭ كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇيدىغان دوڭ فامىلىلىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈشىنى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ «تاسادىپىي قازا» دەپ ئېلان قىلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. خەۋەرلەردە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەنى يوشۇرغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇدا كەڭ تارقىلىپ، نارازىلىقنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
بۇ قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادى كاساتلاشقان، ئىشسىزلىق كۆپىيىپ، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كىرىزىسكە پاتقان، خەلقنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى قاتتىق ئاجىزلاپ كەتكەن بىر پەيتتە يۈز بەرگەن. CNN نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كوۋىد-19 يۇقۇم قامىلىغا قارشى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەڭ كۆلەملىك پارتلىغان «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» دىن بېرى، خىتايدىكى ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. 2022-يىلى 11-ئايدا پارتلىغان مەملىكەت خاراكتېرلىك «ئاق قەغەز ھەرىكىتى» نى شۇ يىلى 24-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىنىڭ دوڭ كۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىر بىنادا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
CNN نىڭ خەۋىرىدە، پۇچېڭ ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ ۋەقەنى «تاسادىپىي قازا» دېگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانى بازا قىلغان «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» دوڭ فامىلىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلۈشىنى «گۇمانلىق ئەھۋاللار» كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ كۆرسەتكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى «دوڭنىڭ ياتاقتا ئېلىشقانلىقى»، ئۇنىڭ «ئۆگزىدىن ئىتتىرىۋېتىلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىكەن.
