مىڭلىغان خىتاينىڭ ئامېرىكا چېگراسىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشى دىققەت قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.12.25

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئېغىر باش قېتىنچىلىقى بولۇۋاتقان كۆچمەنلەر مەسىلىسى ھەرقايسى ساھەنى ئويلاندۇرۇۋاتقاندا مېكسىكا چېگراسىدا سىياسىي پاناھلىق تىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىشى يەنە بىر قېتىم دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 25-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1882-يىلى قانۇنغا ئايلانغان «خىتايلارنى چەكلەش قانۇنى» نى 1943-يىلى بىكار قىلغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقاندا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بىردىنلا زور ساندا ئامېرىكا بوسۇغىسىدا پەيدا بولۇشى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا چېگرا چارلاش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى يانۋاردىن سېنتەبىرگىچە 24 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتكەن ۋە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان. مەرىيلەند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مادېلىن شۈ (Madeline Y. Hsu) بۇ خىتايلار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتايدىكى ئىقتىسادنىڭ لىڭشىپ قېلىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان كونتروللۇقى ۋە باشقا تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلار ئامېرىكا تەۋەسىدە يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەشكە مەجبۇر بولغان» دېگەن.

بۇنداق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ فامىلىلىك خىتاي ئايال، ئاتا-ئانىسى ۋە بىر ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاۋۋال خوڭكوڭدىن تۈركىيەگە، ئاندىن ئېكۋاتور، پاناما ۋە مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكا چېگراسىغا كەلگەنلىكىنى بايان قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە،  «خىتايغا ياردەم» (ChinaAid) تەشكىلاتى بۇ خىلدىكى خىتايلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتە  چوڭ رول ئوينىماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇنچە زور ساندىكى خىتايلارنىڭ شۇنچە زور ئىقتىسادىي چىقىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئاشۇنچىۋالا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كېلەلىشى ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخىمۇ مۇھىمى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب پارلامېنتلىرى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان» دەپ قاراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولغان مىڭلىغان خىتاي پۇقراسىنىڭ شۇنچە زور ساندا «قانۇنسىز يوللار» نى بېسىپ ئامېرىكا چېگراسىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشى تۈرلۈك غۇلغۇلىغا سەۋەب بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.