ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى رەشېنتاللېر خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى سۇندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.18

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى گاي رەشېنتاللەر يېقىندا قانۇن لايىھەسى سۇنۇپ، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكادا مەڭگۈ تۇرۇشلۇق گۇۋاھنامىسى بولغان يېشىل كارتقا ئېرىشىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان. گاي رەشېنتوللەر 15-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا تەكىتلىشىچە، «خىتاي كومپارتىيەسى يەر شارى سەھنىسىدە ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش، خەلقئارا سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بولۇش، بولۇپمۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردا كورونا ۋىرۇسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زوراۋان ۋە پەرۋاسىزلارچە خاھىشلاردا بولۇپ كەلگەن.»

ئۇ: «ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرى بىزنىڭ ئامېرىكا غايىمىز ۋە قىممەت قارىشىمىزغا ئورتاقلاشمايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇپ، بارلىق ئىمتىيازلاردىن بەھرىمان بولۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك،» دېگەن. گاي رەشېنتاللېرنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنىڭ يولى ئېچىلغان بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رەشېنتاللېرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ سۇنغان قانۇن لايىھەسى خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇشى مەنئى قىلىنغان كىشىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ يېشىل كارت ئالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئامېرىكانىڭ ھازىرقى قانۇندا «كوممۇنىست بولغان ياكى ھەرقانداق بىر دىكتاتور پارتىيەگە ئەزا بولغان كۆچمەنلەر» گە يېشىل كارت بېرىشنى چەكلىسىمۇ، لېكىن بۇ قانۇن ھازىرغا قەدەر خىتاي كوممۇنىستلىرىغا تەدبىقلانماي كەلگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.