ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان يېڭى تور قورالى ياساپ چىقتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2023.09.27

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 26-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) يېقىندا خاراكتېر جەھەتتە ChatGPT غا ئوخشاپ كېتىدىغان سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق 18 ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ھەممىسىدە ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان.

مەزكۇر سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى تاغدەك دۆۋىلىنىپ كېتىدىغان ئوچۇق ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەكشۈرۈۋاتقان دېلولار ۋە مەسىلىلەرگە چېتىشلىق ئۇچۇرلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە توپلاپ سۈزۈپ چىقالايدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭ تېز سۈرئەتتە ياساپ چىقىلىشىغا خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا تېخنولوگىيە ساھەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان. مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈنئىي ئەقىل بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى راندىي نىكسون (Randy Nixon) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز گېزىت ۋە رادىيودىن گېزىت ۋە تېلېۋىزورغا، ئاندىن قايتىدىن گېزىت ۋە تورغا چىقىمىز. بۇ جەرياندا توپلىغان ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ چىقىش بىز ئۈچۈن دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەشكە ئوخشاپ قالغان ئىدى. بۇ قورال بىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى يۈكىمىزنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئەڭ زور كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان نۇقتا سۈنئىي ئەقىل ساھەسى بولۇپ، 2030-يىلىغا بارغاندا بۇ ساھەدە دۇنياۋىي يېتەكچىگە ئايلىنىش نىشانىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2021-يىلى ياساپ چىققان «تەپتىش» ناملىق سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسى ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان جىنايى دەستۇرلارنى تەھقىقلەش ۋە ئۇلارغا ھۆكۈم ئېلان قىلىشتا 97 پىرسەنتلىك توغرىلىققا يەتكەن. ئەمما ئامېرىكا قانۇن ساھەسى ھازىرمۇ بۇنىڭدا يەنىلا ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئىش بېجىرىشنى داۋام قىلىپ كەلگەن. مەزكۇر يېڭى تور قورالى ئامېرىكا ئىستىخبارات خادىملىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە لازىملىق ئۇچۇرلارنى ئەڭ توغرا تېپىپ چىقىش، شۇنداقلا پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بايقاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.