ئاقساراي 27-فېۋرال كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمى داۋام قىلىۋاتقان، شۇنداقلا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يادرو قوراللىق قىسىملىرىنى جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزگەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينى رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتىنى ئەيىبلەشكە چاقىرغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جېن ساكى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن رۇسىيەگە قارىتىلغان ئىمبارگو تەدبىرلىرىنى قىسمەن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.
جېن ساكى 27-فېۋرال MSNBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ھازىر بىر چەتتە قاراپ تۇرۇدىغان ۋاقىت ئەمەس. بۇ پرېزىدېنت پۇتىن ۋە روسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكىتىگە ئاۋاز چىقىرىدىغان ۋە ئۇنى ئەيىبلەيدىغان بىر پەيت.»
جېن ساكىنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن يېقىندىن بېرى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆزلىشىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدىكەن.
جېن ساكى يەنە «خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۆزىگە قاراپ بېقىشى، تارىخ كىتابلىرى يېزىلغاندا، ئۇلارنىڭ قەيەردە تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ھەقىقىي باھالاپ بېقىشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم قەدەملەرنىڭ بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە ئۆتكەن ھەپتە ئۇكرائىناغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى «خىتاي رۇسىيەنى يەڭ ئىچىدە قوللاۋاتامدۇ› دېگەن گۇمان پەيدا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ھەركىتىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتاشنى رەت قىلغان، شۇنداقلا رۇسىيەگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئۆتكەن ھەپتە رۇسىيەنىڭ ھەركىتىنى «تاجاۋۇزچىلىق» دەپ ئاتاشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت بايدېن «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئوچۇق-ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىقىغا كۆز يۇمغان ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ شەنىگە داغ تېگىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.