خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭ رۇسىيەگە مەدەت بېرىشكە كەلگەن
2024.08.22
رۇسىيەگە زىيارەتكە بارغان باش مىنىستىرى لى چىياڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، رۇسىيەگە ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىندا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىۋاتقان ۋە رۇسىيەنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلۇۋاتقان بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن بۇ زىيارەت، خىتاينىڭ جىددىي كىرىزىسقا قالغان رۇسىيەگە ياردەم بېرىشكە كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىساد ۋە باشقا تۈرلەردىمۇ «زور كۆلەملىك پىلان» تۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ پىلاننىڭ نېمە پىلان ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، رۇسىيەنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىي پىلان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتىكەن. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان پەيتتە، رۇسىيە ئارمىيەسى كۇرسكى رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى چېكىندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇرۇش 3-ھەپتىگە قەدەم قويغان. ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان موسكۋا تۇنجى قېتىم ئادەمسىز ئۇچاق (Drone) ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن.
ئامېرىكادىكى ئۇكرائىنالىق سىياسىي ئانالىزچى ئالېكساندېر موتىل ( Alexander J. Motyl) 22-ئاۋغۇست «تۆپىلىك» تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بىر يىل بۇرۇن ئىسيان كۆتۈرگەن يېۋگىنى پرىگوژىندىن كېيىن رۇسىيە ئىچىدە پۇتىنغا قارشى يەنە بىر ئىسيان چىققانلىقىنى، رۇسىيەدىكى بىر خۇسۇسىي ھەربىي شىركەت خوجايىنى گىئورگى زاكرېۋىسكىنىڭ خەلققە خىتاب قىلىپ، «ئۇلۇغ پۇتىن» نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.