خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى يەنە تۆۋەنلىدى
2013.07.24
خىتاينىڭ سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتى بۇ ئايدا يەنە تۆۋەنلىدى. بۇ ئايدىمۇ خىتاي ئىقتىسادىدا ئۆتكەن 11 ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان تۆۋەنلەش ھالىتىدە ياخشىلىنىش بولمىدى.
ئەنگلىيەگە تەۋە خوڭكوڭ-شاڭخەي بانكا سىستېمىسى گۇرۇھى: HSBC نىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي سانائەت ئىشلەپ چىقىرىش قىممىتىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەش خىتاي رەھبەرلىرىدە بېسىم پەيدا قىلغان.
دوكلاتقا قارىغاندا، خىتايدىكى خام ئەشيا سېتىۋېلىش كۆرسەتكۈچىمۇ بۇ ئايدا ئۆتكەن ئايدىكى 48.2 پوئىنتتىن 47.7 پوئىنتقا چۈشۈپ قالغان.
ئەگەر، 100 پوئىنتلىق بۇ كۆرسەتكۈچ 50 پوئىنتتىن تۆۋەنلەپ كەتسە، بۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆلىمىنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
سەيشەنبە كۈنى، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتاي ئاخباراتىنىڭ زىيارىتى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ خىل ئاستىلاشنى تىلغا ئالغان ۋە ئۆسۈش نىسبىتى 7 پىرسەنتتىن توۋەن بولسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.