چەت ئەلگە قاچقان خىتاي ساقچىسى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ پويىزدا قانداق يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارلىغان
2021.10.11
چەت ئەلگە چىقىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى ۋە لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق ھەم خورلاشلىرىنى ئاشكارلاپ، دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان خىتاي ساقچىسى، 11-ئۆكتەبىر ئەنگلىيەنىڭ «ئاسمان خەۋەرلىرى» قانىلىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى تۈرمىدەك يېپىق پويىزلاردا قانداق يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارلىغان.
ياۋروپادىكى بىر دۆلەتتە سىياسى پاناھلىق تىلىگەن جياڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي ساقچى ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ CNN تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە لاگېرلاردىكى قىيىن-قىستاق، جىنسىي خورلاشلارنى تەپسىلىي ئاشكارلىغان ئىدى.
جياڭ فامىلىلىكنىڭ «ئاسمان خەۋەرلىرى» گە ئېيتىشىچە، ئۇلار تۇتقۇنلارنى پويىزغا چىقىرىشتا «تۇتقۇنلارنى بىر جايغا توپلاپ، بېشىغا قاراپ خالتا كىيدۈرىدىكەن ھەم ئىككى كىشىنىڭ قولىنى بىر ئىشكەل بىلەن چېتىپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن». ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ يوسۇندا يۈك پويىزىغا بېسىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بۇ تەرىقىدە جەمئىي قانچە ئۇيغۇرنىڭ يۆتكەلگەنلىكىگە شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قېتىمدا 500 دەك تۇتقۇننىڭ يۆتكىلىدىغانلىقى، ھەر بىر ۋاگۇنغا 100 دىن ئارتۇق تۇتقۇننىڭ سولىنىپ، ھەر بىر تۇتقۇننى ئىككىدىن ساقچى ئېلىپ ماڭىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۇتقۇنلارنى پويىزدا يۆتكىگەندە ئۇلارغا تاماق بەرمەيدىكەن. جىياڭ تۇتقۇنلارغا پەقەت سۇ بوتۇلكىسنىڭ ئاغزىدا كالپۇكىنى نەملىۋېلىشى ئۈچۈن سۇ بېرىلىدىغانلىقى، شىنجاڭغا بېرىش ئۈچۈن ئىككى كۈن كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز تەرتىپنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھاجەتخانىغا بېرىشىغىمۇ يول قويمايتتۇق،» دېگەن. جىياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 2018-يىلى ئۇيغۇر ئىېلىغا يەنە ۋەزىپە ئۆتەشكە بارغاندا «تۇتامى يوق سەۋەبلەر» بىلەن 900 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن.