خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە 10 ياشلىق ياپونىيەلىك بالىنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتايدا يولغا قويۇلغان «ئۆچمەنلىك مائارىپى» ھەققىدە كۈچلۈك بەس-مۇنازىرە قوزغىغان.
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ۋەقە خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ خىتايدىكى چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك ۋە خىتاي ئاساسىي مائارىپىدا ياپونىيەگە مۇناسىۋەتلىك «ئۆچمەنلىك تەربىيەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شېنجېندا ئۆلتۈرۈلگەن بالىنىڭ دادىسى ياپونىيەلىك، ئاپىسى خىتاي بولۇپ، ئۇ ئالدىنقى ھەپتە شېنجېندىكى بىر مەكتەپتىن قايتىش يولىدا بىر خىتاي ئەر تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ خىتايدا ياپونىيەلىك بالىلارغا قارىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق پىچاقلىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بېيجىڭ دائىرىلىرى يۇقىرىقى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىغا سەۋەب بولغان مۇددىئانى تىلغا ئالماي، ئۇلارنى پەقەتلا «يەككە ھادىسە» دەپ تەسۋىرلىگەن. ھالبۇكى، توردىكى مۇنازىرىلىرىدە بۇنى خىتايدا كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۆچمەنلىك مائارىپى» بىلەن باغلىغان مۇنازىرىلەر ئەۋج ئالغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شېنجېن ئاھالىسى CNN مۇخبىرىغا قىلغان سۆزىدە، «مەن بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ۋەقەدىن بەك غەزەپلەندىم ۋە نومۇس ھېس قىلدىم. بۇ زوراۋانلىق ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆچمەنلىك تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى… بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» دېگەن.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا ئولتۇرغاندىن بۇيان «خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكى» تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە ئەۋج ئالدۇرغانلىقى، بۇنىڭ خىتايدا «چېكىدىن ئاشقان مىللەتچىلىك» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈرلۈك بەس-مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. شەكسىزكى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا ئەكس ئەتكەن.
