ئامېرىكا بەش خىتاي شىركىتىنى «پاي چېكى بازىرىدىن چىقىرىۋېتىدىغان شىركەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.03.11

ئامېرىكا پايچىكى بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى خىتاينىڭ بەيچى شېنجوۋ، بەيشىڭ جوڭگو، زەيدىڭ دورىگەرلىك چەكلىك شېركىتى قاتارلىق 5 شىركىتىنى ئامېرىكا پايچېكى بازىرىدىن چىقىرىلىدىغان شىركەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.

ئامېرىكا پايچېكى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكانىڭ 2020-يىلى 12-ئايدا يولغا قويۇلغان چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىق قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلغان. بۇ قانۇندا ئامېرىكا پايچېكى بازىرىدىكى ئامېرىكالىق نازارەتچىلەرنىڭ مالىيە مەشغۇلاتىنى تەكشۈرۈشىگە يول قويمىغان چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان.

بۇ ئ‍امېرىكا پايچېكى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم بۇ خىل شىركەتلەرنى ئېنىقلاپ تىزىملىككە كىرگۈزۈشىدۇر. «ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى بەش شىركەت قانۇنغا ئاساسەن 3-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئامېرىكا پايچېكى باشقۇرۇش كومىتېتىغا ئۆزلىرىنىڭ مالىيە مەشغۇلاتىغا ئائىت دەلىللەرنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ بەش شىركەت بەيچى شېنجوۋ، بەيشىڭ جوڭگو، زەيدىڭ دورىگەرلىك چەكلىك شېركىتى، ACM، خېخۇاڭ دورىگەرلىك شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«ۋول-ستېرېت ژورنىلى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا پايچېكى بازىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 10-مارت يۇقىرىقى شىركەتلەرنىڭ تىزىملىككە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ شىركەتلەرنىڭمو پاي چېكى جىددىي چۈشۈپ كەتكەن. خەۋەردە ئالى بابانىڭ پاي چېكى 10 پىرسەنتتەك چۈشكەنلىكى، بەيشىڭ جوڭگونىڭ پاي چېكى 15 پىرسەنت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.