ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتى (FCC) خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى يەنە ئىككى تېلېگراف-خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا تىجارەت قىلىشىنى چەكلىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 16-مارت چارشەنبە كۈنى بۇ ئورگان خىتاينىڭ «تىنچ ئوكيان تورى» ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى تارماق شىركىتى بولغان «ComNet» نىڭ ئامېرىكادا كىشىلەرنى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىگەن.
بۇ ھەرىكەت ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا ئالاقە تورىدىكى يوشۇرۇن جاسۇسلۇقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوللانغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئەڭ يېڭىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئىلگىرى ئۇ خىتاينىڭ ليەنتوڭ دەپ ئاتىلىدىغان «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى» ۋە شۇنداقلا «خىتاي تېلىگرافى ئامېرىكا» شېركىتىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇندىن باشقا ئامېرىكا يەنە خۇاۋېي ۋە جوڭشىڭ تېلېگراف شىركەتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىمۇ چەكلىگەن.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەۋەرلىشىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېسسىكا روسېنۋورسېل بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكادا تور ۋە ئۇچۇر-ئالاقە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بۇنى ئەيىبلەپ: «ئامېرىكا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، بۇ خەلقئارا سودا قائىدىلىرىگە خىلاپ،» دەپ جار سالغان.
خىتاينىڭ خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكى 2018-يىلى بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بۇ ئامېرىكا دۆلەت ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى ۋە جوڭشىن شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تېلېفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشتىن چەكلەش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىدىغان خەۋپى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرمۇ كۈچەيگەن ۋە نەتىجىدە بۇ شىركەتلەر چەكلەنگەن ئىدى.