كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «شېئىن» گۇرۇھىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى
2024.08.30
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئورگانلىرىدىن تەشكىل تاپقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» خىتاي مودا كىيىم شىركەتلىرىدىن «شېئىن» (Shein)نىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» يېقىندا ئەنگىلىيە مالىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە «شېئىن» نىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئائىت دەلىللەرنى سۇنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇتنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» شېئىن گۇرۇھىنىڭ «ئەنگىلىيە زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە ئاكسىيە بازىرى نازارەتچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى «قائىدە ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىشى» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا شېئىن گۇرۇھىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا 50 مىليارت دوللارلىق پاي چېكى تارقىتىش پىلانىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» يوللىغان دوكلاتتا «شىنجاڭ پاختىسى» بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالاقىسى بارلىقىغا ئائىت «ئېنىق دەلىللەر» نىڭ مەۋجۇتلۇقى، «بلۇمبېرگ» نىڭ 2022-يىلىدىكى تەجرىبىخانا سىناقلىرىدا «شېئىن» نىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا يەنە ئەنگىلىيە يۇقىرى سوتىنىڭ قارارلىرىدا «بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق پاختا مەھسۇلاتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان» دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
«شېئىن» گۇرۇھى ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە ئائىت ئىككى ھادىسىدە بالىلار ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بالىلار ئەمگىكىگە چېتىشلىق مال تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ ئادۋوكاتى رىكاردو گاما «بىزنىڭ ۋاكالەتچىمىز، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىر شىركەتنىڭ ئۆز سودىسىنى كېڭەيتىشتە ئەنگىلىيە سەرمايە بازىرىدىن پايدىلانماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.