ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «شىنجاڭدا دېموكراتىيەنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى 6-دېكابىر بېيجىڭدا يەنە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئاپتونومىيە» ۋە «دېموكراتىيە» نىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئارقىلىق «رايوندىكى بارلىق ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ خوجايىنلىق ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىنماقتا» ئىكەن. بۇ، بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت» سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان خىتاي دائىرلىرىنىڭ يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن 62-قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىدۇر.
مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى 9-ۋە 10-دېكابىر كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا «دېموكراتىيە يىغىنى»، شۇنداقلا لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغان-قىلمىغانلىقىغا ئائىت رەسمىي قارارى ئېلان قىلىنىشنىڭ ھارپىسىدا چاقىرىلغان. ئاخبارات يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۇ گۇيشىياڭ ئامېرىكاغا ھۇجۇم قىلىپ، «ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭ دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا بوھتان چاپلىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دېموكراتىيەسى «ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىمتىيازى» بولۇپ، «شىنجاڭدىكى دېموكراتىيە ئەمەلىيىتى سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ خىتايچە ئالاھىدىلىكىنى جانلىق نامايان قىلىپ، بۇ رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە ئىتتىپاقلىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا» ئىكەن.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نەبىجان ئىبراھىم، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ناھىيە، بازار دەرىجىلىك، ۋىلايەت، شەھەر ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى بىلەت تاشلاپ سايلايدىغانلىقىنى ئېيتقان» بولسىمۇ، بىراق ئۇ نامزاتلارنى كىم بېكىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. مەزكۇر ئاخبارات يىغىنى خىتاينىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان «دېموكراتىيە ئاق تاشلىق كىتابى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن. كۆزۈتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ۋە بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنى ۋاشىنگتوندىكى دېموكراتىيە يىغىنىغا چاقىرىلمىغان خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.