خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا كەنتلەر بىلەن كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ھەركىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-10
Share

خىتاي ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان ۋە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى ئىمبارگوغا ئۇچراشقا دۇچ كەلگەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەنتلەر بىلەن كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈش ھەركىتى باشلىغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» دەپ ئاتالغان بۇ ھەرىكەت ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشتا ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن باغلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىگە نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، «جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يېزا-كەنتلەردە قەپ قالغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى بۇ كارخانىلاردا «ھەربىي تۈزۈم» بىلەن ئىشقا سالغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر 9-دېكابىر ئ‍ۈرۈمچىدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەركىتىنى باشلىغان. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زۇمرەت ئوبۇل قاتناشقان ھەم سۆز قىلغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، 2016-يىلدىن بېرى 1747 خۇسۇسىي كارخانا رايوندىكى 2157 كەنت، 420 مىڭ ئاھالىنىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى» غا ياردەم بەرگەن. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەشكە كىرىشكەن بىر ۋاقىتتا باشلىشى، دىققەت قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت