خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتى خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-12-13
Share

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 10-دېكابىر يەنە ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى يەنە رەت قىلغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» سىياسىتىنىڭ خىتاي ئاساسى قانۇنىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندا «ئۆز-ئ‍ۆزىگە خوجا بولۇش، كەسىپ تاللاشتا ئەركىن» ئىكەنلىكى، «يېڭى ئۆي، يېڭى ئاپتوموبىل ۋە بەختلىك تۇرمۇش» دېگەن سۆزلۈكلەر رايوندىكى ھازىرقى «يېڭى ئېقىم» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ ئاخبارات يىغىنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلغان، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان، شۇنداقلا لوندون ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارانىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلەپلىرىنىمۇ رەت قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنىدا يەنە ئاتالمىش ئۇيغۇر دېھقان، ئىشچى ۋە قانۇنچىلىرىنى سۆزگە چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ «ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر توقۇپ چىقارغان بوھتان» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

يىغىندا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلنار ئىدرىس «شىنجاڭ يولغا قويغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى خىتاي ئاساسى قانۇنى ھەم ئۇنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 60 نەچچە قېتىم ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا قارىتىلغان پۈتۈن ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ كەلگەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت