كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي تەھدىتى ياپونىيەنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك باش ۋەزىر نامزاتلىرىغا خىرىس ھېس قىلدۇرغان
2024.09.27
ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبا (Shigeru Ishiba) 27-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك باش ۋەزىر كاندىداتىغا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەھدىتىگە قارىتا ياپونىيەنىڭ تەييارلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
شىگېرۇ ئىشىبا، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ تەھدىتىگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشى لازىملىقى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن ياپونىيەدىكى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىدەك جىددىي ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە، دۆلەت سىرتىغا قارىتا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتقان خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە جىددىي دىققەت چېكىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ ياپونىيەنى نىشان قىلغان تەھدىتلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە تۇتۇپ كەلگەن ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ياپونىيە باش ۋەزىرى بولۇپ سايلىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىكەن. ئەگەر نۆۋەتتە ياپونىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى (LDP) ئۇنى ياپونىيەنىڭ يېڭى باش ۋەزىرى قىلىپ رەسمىي سايلىسا، ئۇ خىتاي تەھدىتىگە قارىتا ئۆزىنىڭ يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
NBC خەۋەرلىرى تورىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 24-سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت كابىنېتى ئىستېپا بەرگەن. ياپونىيەنىڭ سابىق دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شىگېرۇ ئىشىبا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن فۇمىئو كىشىدانىڭ ئورنىغا مەزكۇر پارتىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى بولۇپ سايلانغان.
توكيودىكى تېمپول ئۇنىۋېرسىتېتى (Temple University) نىڭ ياپونىيە سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىسى مايكىل كۇچېك (Michael Cucek) بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئىشىبانىڭ ‹ئامېرىكا بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغان، ياپونىيەنىڭ ئىچكىي مەسىلىلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولغان مۆتىدىل بىر رەھبەر› بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
سايلامدىن بۇرۇنقى تەشۋىقات جەريانىدا، شىگېرۇ ئىشىبا ھەتتا ياپونىيەنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاسىيا نۇسخىسىنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە دېموكراتىك ۋە مۇستەقىل تەيۋەننىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەن. ھالبۇكى، ئىشىبانىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ياپونىيە باش ۋەزىر نامزاتىغا كۆرسىتىلىشى خىتاينى مەلۇم نۇقتىدىن «يېنىك نەپەس» ئالدۇرغان. چۈنكى ئۇ كېلەر نۆۋەتلىك باش ۋەزىر نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن 3 نەپەر سىياسىيون ئىچىدە، توكيودىكى ياسۇكىنى قەبرىستانلىقىنى تاۋاپ قىلغان تارىخى بولمىغان بىردىنبىر رەھبەر ئىكەن.