خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بولغان «خىتاي تېلېگرافى» نىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا مەشغۇلات قىلىش ئىجازەتنامىسى 15-دېكابىردىن باشلاپ توختىتىپ قويۇلدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئۇچۇر ۋە ئالاقە كومىتېتى بۇ ھەقتىكى قارارىدا خىتاي تېلېگرافى شىركىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ قارارنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «خىتاي تېلېگرافى» شىركىتى ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن ئۇلارنى لازىملىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىپ كەلگەن. 2020-يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا ئۈچ تېلېگراف شىركىتىنىڭمۇ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلغان ئىدى. ئامېرىكا فېدېراتىۋ ئۇچۇر ۋە ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئاجىت پاي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىرنەچچە مىنىستىرلىك خىتاي تېلېگرافىنىڭ دۆلىتىمىز ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەھدىتى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلدى. بىز مۇشۇ سەۋەبتىن يۇقۇرقى قارارنى ئالدۇق» دېگەن.
خىتاي تېلېگرافىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بېرىلگەن ئىجازەتنى بىكار قىلىش چۇقانلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە باشقا مىنىستىرلىقلارنىڭ شىكايەتلىرىدىن يەر ئالغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسيىە ئۇچۇر ۋە ئالاقە كومىتېتى بۇ قارارنى ئېلىش بىلەن تەڭلا يەنە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ «بىز ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىكى تەھدىتى پەيدا قىلمىدۇق» دېگەن مەزمۇندىكى ئەرزىنى رەت قىلغان.