خىتاي تەپتىش دائىرىلىرى جۇ يۇڭكاڭنى پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىش بىلەن رەسمىي ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-04-03
Share


خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى سابىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇرۇ دائىمى ئەزاسى، سىياسي قانۇن سېكرىتارى جۇ يۇڭكاڭنى پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىش، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن رەسمىي ئەيىبلىدى. جۇ يۇڭكاڭنىڭ دىلوسى تيەنجىن تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى جۈمە كۈنى تورىدا ئېلان قىلغان ئەيىبنامىدە، «جاۋابكار جۇ يۇڭكاڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرگەن، باشقىلاردىن ئالغان قانۇنسىز يەر - مۈلك ۋە بايلىقنى چۆنتىكىگە سالغان. ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ، ئاممىنىڭ مال - مۈلكى، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالغان» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇنىڭدا يەنە، جۇنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قەستەن ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئاشكارىلىغان دۆلەت مەخپىيەتلىكى قانداق مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

خىتاي ئاخباراتى ئىلگىرى جۇنىڭ سابىق چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى بو شىلەي بىلەن گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، جۇ يۇڭكاڭ پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستىمال قىلىش ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن سوتلانغان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ، كومپارتىيە ئىچىدىكى گۇرۇھلار كۈرىشىنىڭ مەھسۇلىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت