خىتاي بىمەنە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېچىپ، ئۆز جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-07
Share

ساختا تەشۋىقاتلىرىنى توختىماي بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئاۋارە بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ نەزەرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.

«خەۋەرلەر» تورى بەرگەن بىر مەلۇماتقا قارىغاندا، خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ھەر تۈرلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئېچىپ، «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ، خاتىرجەم، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ سىياسىي غەرەز ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىدىغانلىقى» ھەققىدە داۋراڭ سېلىشقان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ كۆپ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر شاھىتلارنى سۆزلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇزۇپ كەلگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭلىق بىلەن قالماي، چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىلىرىنمۇ يالغان تەشۋىقات جېڭىگە چاقىرغان.

چارشەنبە كۈنى (7-فېۋرال) خىتاينىڭ كەنبېررادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئاۋسترالىيەلىك مۇخبىرلارنى تەكلىپ قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قىلمىشلىرىنى ئاقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. خىتاينىڭ باش ئەلچىسى بۇ بىمەنە «ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىمىغانلقىنى، مۇخبىرلارنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋال» نى ئىگىلىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە تەسىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنى قايىل قىلالىشىغا ئىشەنگىنىدەك، بۇ تەشۋىقات جېڭىدىمۇ غەلىبە قىلىشىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما خىتاي بەزى دۆلەتلەرنى يالغان تەشۋىقاتىغا ئىشەندۈرەلىسىمۇ، ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدىغان غەرب دۆلەتلىرىنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت