خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈلۈشىنى «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش» دەپ ئاقلىغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 21-نويابىر ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك يولغا قويۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يېڭى تۇرالغۇ نۇقتىلىرىغا كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئاقلىغان. دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ كۆچۈرۈش ھەركىتى «يېزىلارنى گۇللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇددى قەپەزدەك قورشالغان ئولتۇراق رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ، يېزا-كەنت ۋە قىشلاقلاردىكى باغ-ۋارانلىق قورا-جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇ رايونلارغا كۆچۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر بۇ يېڭى ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ ئەتراپىغا يەنە خىتاي كارخانىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى بۇ كارخانىلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرغان. بىراق ئاخبارات يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ بۇ قۇرۇلۇشنى ماختاپ: «شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق ۋە يېزا تەرەققىياتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلغانلىقى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، ئىختىساس ئ‍ىگىلىرى، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ۋە تەشكىلىي جانلىنىشىنى ئالغا سۈرۈشى ئارقىسىدا زور تەرەققىيتاتقا ئېرىشكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

ئاخبارات يىغىنى ئۇيغۇر ئېلىدا توك، گاز، كۆمۈر ۋە باشقا يېقۇلغۇلارنىڭ باھاسى شىددەتلىك ئۆرلەپ كېتىشى تۈپەيلى ئاتالمىش بۇ خىل «زامانىۋى ئولتۇراق ئۆيلەر» گە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ توك ۋە ئىسسىقلىق پۇلىنى تۆلەشكە ئامالسىز قېلىپ، ئېغىر ئەھۋالدا قالغانلىقى قەيت قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ئۇلارنىڭ بۇ ئولتۇراق رايونلىرىدا تېخىمۇ ئ‍ۈنۈملۈك كونترول قىلىش ئىكەن.