خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشنى يەنە ئىنكار قىلدى
2024.12.20
غەرب ئەللىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى ئىزچىل ۋە قەتئىي ئەيىبلىشى خىتاينى داۋاملىق بىئارام قىلىپ، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە ئىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك» ھەققىدە سورىغان سوئالىغا قارىتا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تىلغا ئالغان دوكلاتتا بىر قىسىم ئاتالمىش «نامسىز گۇۋاھچىلار» نىڭ مۈجمەل ئىزاھاتلىرىنىڭ نەقىل ئېلىنغانلىقى ۋە ئەمەلىي ئاساسىي پاكىتنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
«بېيجىڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 20-دېكابىر كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرغان. ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئامېرىكادا سېتىلىدىغان قىزىلمۇچ مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن مۇچ خام ئەشياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇچلار ‹مەجبۇرىي ئەمگەك› نىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن. سىز بۇ دوكلاتقا قانداق باھا بېرىسىز؟» دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئادرىيان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچى ۋە شاھىتلارنى ئەيىبلىگەن. لىن جيەن ئاتالمىش «نامسىز گۇۋاھچىلار» نىڭ دوكلاتىنىڭ ئەمەلىي ئاساسىي پاكىتنىڭ كەمچىللىكى، ھەتتا دوكلاتتا ئەڭ ئاساسلىق بولغان نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشنىڭمۇ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ دوكلاتنىڭ يوچۇقلار بىلەن تولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇچ تېرىش جەريانىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ماشىنىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا مېخانىكىلىق يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %100 كە يەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ يوقلۇقىنى شەرھلىگەن. ئۇ يەنە رايوندىكى پاختا، پەمىدۇر، قىزىلمۇچلارغىچە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە پەقەت غەربتىكى تاراتقۇلار ۋە كەسپىي ئالدامچىلارنىڭ ھېكايە توقۇپ، سېنارىيە يېزىپ، يالغان ئۇچۇر تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قىلمىشلىرىنى ئىنكار قىلغان. بۇ، خىتاي تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلىشى ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بۇنداق ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانىدى.
12-دېكابىر كۈنى، ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادرىيان زېنز (Adrian Zenz) ۋە ئىلىن لىن (I-Lin Lin) «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر تارتىۋېلىپ ئىشلىتىش ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» ناملىق يېڭى بىر تەتقىقات دوكلاتىنى ئېلان قىلغانىدى. دەرۋەقە بۇ دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەمىدۇر، قىزىلمۇچ، سەبدەرگۈل ۋە تەبىئىي تېتىتقۇ (stevia) قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا «مەجبۇرىي ئەمگەك» نىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى سەۋەبلىك خىتاينىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ ئېمبارگوغا ئۇچرىشى خىتاي سودا-ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.