ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى، يەنى 25-يانۋار يېڭى باھالاش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، 2020-يىلى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيانى قاپلىغان كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ ھايۋانلاردىن تارقىلىشىغا قارىغاندا تەجرىبىخانىدىن چىققان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ «تېخىمۇ يۇقىرى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر يېڭى دوكلات پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن CIA نىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن جون رەتكىلىف (John Ratcliffe) ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىنغان. BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى، ھازىرقى مەۋجۇت دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا يۇقۇمنىڭ تەبئىي مەنبەدىن تارقىلىشىدىن ئۇنىڭ «تەتقىقاتقا ئالاقىدار مەنبەلەردىن تارقىلىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرىدەك قىلماقتا» دېگەن.
جون رەتكىلىف بىرىنچى قېتىملىق ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك باش نازارەتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىلا كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن تارقالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋۇخەن شەھىرىدىكى خۇانەن ھايۋاناتلار بازىرىغا يېقىن جايدا بولۇپ، تۇنجى يۇقۇم مۇشۇ بازاردا كۆرۈلگەن ئىدى. BBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، جون رەتكىلىف ئۆتكەن جۈمە كۈنى «برېيبارت خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى مەسىلىسىدە بىتەرەپ تۇرۇۋېلىشتىن ۋاز كېچىشنى ۋە بۇنىڭغا «بىر چەتتە قاراپ تۇرماسلىقى» نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جون رەتكىلىف مۇنداق دېگەن: «خىتايدىن كېلىدىغان ھەر تەرەپلىمىلىك تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش، ھەممە كۆپ سۆزلىگەن ئىشلارنىڭ بىرى. بۇ نېمە ئۈچۈن بىر مىليون ئامېرىكالىقنىڭ ئۆلۈشى ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بەش يىلدىن بېرى كوۋىدنىڭ كېلىش مەنبەسىگە باھا بەرمەي بىر چەتتە قاراپ تۇرغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ». جون رەتكىلىفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن «تۇنجى كۈنى قىلىدىغان ئىش» ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 27-يانۋار ئىنكاس قايتۇرۇپ، كوۋىد-19 ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىقىشىنىڭ ئېھتىماللىقى «ئىنتايىن ئاز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىتاي ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ «ئورتاق خۇلاسىسى» ئىكەن.