كوۋىد ۋىرۇسىنى خىتاينىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئادەملەرنىڭ ياسىغانلىقى توغرۇلۇق يېڭى ئىسپات ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيەلىك بىر پروفېسسور 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەلۇمات بېرىپ، كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن؛ يەنە بىر مۇتەخەسسىس، پاكىتلارغا كۆرە بۇ ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا راتگېرس ئۇنىۋېرسىتېتى مولېكۇلا بىئولوگى رىچارد ئېبرايت (Richard Ebright) «ۋال سىترېت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، دۇنيادا مىليونلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مەزكۇر تەجرىبىخانىنىڭ 2018-يىلدىكى بىر ھۆججىتىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەزكۇر ھۆججەتتە گېن گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەرتىپلىنىشىگە دائىر ئىسپاتلار تولۇق بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەنلا قالماي، ئۇنى جەزملەشتۈرۈش دەرىجىسىگە ئاپىرىدۇ» دېگەن.

بۇ ھۆججەتتە يەنە ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدىكى «پارچىلاش تۈرى» گە ئاجرىتىلغان خامچوت پىلانى ۋە تەجرىبە لايىھەسى يېزىلغان بولۇپ، شەپەرەڭدىن ئىنسانغا ئاسانلا يۇقىدىغان بىر خىل ۋىرۇس ھەققىدە ئۇچۇرلار بار ئىكەن. «پارچىلاش تۈرى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ۋىرۇس 2019-يىل 8-ئايدىن 11-ئايغىچە ياسالغان، كوۋىد ۋىرۇسى رەسمىي يامرىغاندا كۈچىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

رىچارد ئېبرايتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل كوۋىد ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدە ئىرسىيەت قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنسانلارغا يۇقۇش ئىقتىدارىنىڭ بولۇشىلا بۇ ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدا ياسالغان بولۇشىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.