خىتاينىڭ مۇھىم سانائەت بازىسى بولغان چاڭچۈن شەھىرى يۇقۇم سەۋەبىدىن قامال قىلىنغان

كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ قايتا پارتلىشى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى 11-مارتتىن باشلاپ، خىتاينىڭ مۇھىم سانائەت بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان چاڭچۈن شەھىرىنى قامال قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ پۇل-مۇئامىلە ۋە سودا مەركىزى بولغان شاڭخەي شەھىرىدە مەكتەپلەرنى تاقىغان. شېنجېن شەھرى ھالقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا بارلىق ئورۇنلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى توختاتقان ياكى پۇقرالارنى ئ‍ۆيىدە ئىشلەشكە بۇيرۇغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خىتايدا 11-مارت كۈنى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقۇرى چەككە يەتكەندىن كېيىن ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى ئېلىشقا باشلىغان ئىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىلىن ئ‍ۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولغان 9 مىليون نۇپۇسلىق چاڭچۈن شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن، پەقەت ھەر بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنىڭ ئىككى كۈندە بىر قېتىم سىرتتقا چىقىپ، «كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى» نى سېتىۋېلىشىغا يول قويۇلغان.

مەزكۇر شەھەردە يەنە ئاممىۋى قاتناس ۋاستىلىرى توختىتىلغان، مەكتەپ ۋە سودا ئورۇنلىرى تاقالغان، پۇقرالارغا كەڭ كۆلەملىك ئەملەش ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلىنىڭ باشلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە كورونا ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدىن بۇيان، ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 11-مارت كۈنى تۇنجى قېتىم خىتايدا يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 1000 دىن ئېشىپ، رەسمى يۇقۇمدارلار 1369 غا يېتىپ بارغان.

كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى 2019-يىلنىڭ ئاخىرلىرى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقۇمنى بىر مەزگىل يوشۇرغان، شۇنداقلا يۇقۇمدارلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ ئېلان قىلىپ، يۇقۇم بايقالغان رايونلارنى قامال قىلىش، كەڭ كۆلەملىك ئەملەش ئېلىپ بېرىش، چېگرانى تاقاشتەك ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى ئ‍ۆتكەن يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قوزغاس ناھىيەسىدە قايتا يۇقۇم بايقالغاندىمۇ، پۈتۈن ئىلى تەۋەسىنى بىر ئايدىن ئارتۇق قامال قىلىپ، مەزكۇر رايوننىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان ئىدى.