ماركو رۇبىئو: ««خىتاي كورونا ۋىرۇسىنىڭ سانلىق ئۇچۇرىنى يوشۇرۇپ، ئۇنىڭ تارقىلىشىغا يول قويدى»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-23
Share

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو، 22-مارت كۈنى خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ۋىرۇسنىڭ دۇنياغا كەڭ كۆلەملىك تارقىلىشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ماركو رۇبىئونىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي، ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا دائىر ئاچقۇچلۇق ئۇچۇرلارنى يوشۇرغان. باشقا دۆلەتلەرگە تەدبىر ئالماسلىق ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىپ، ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى يۇقۇمغا ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ماركو رۇبىئو بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋۇخەندە پارتلىغان بۇ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قېچىشقا شۇنداقلا دۇنيادا ئۆزىگە ئىجابىي ئوبراز تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە قىلدى. خىتاينىڭ ۋىرۇس مەنبەسىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ، ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئامېرىكانىڭ قاتتىق دىپلوماتىك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۇي تيەنكەي 22-مارت ئامېرىكادىكى «ئاكسىئوز» تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ بۇ سۆزلىرىگە چۈشەنچە بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ۋىرۇسنىڭ قەيەردىن تارقالغانلىقىنى «دىپلوماتلار ئەمەس، تەتقىقاتچىلار قارار قىلىشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ماركو رۇبىئو 22-مارت ئامېرىكا «فوكس خەۋەرلىرى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنى ئېيتالايمەنكى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى ئاشكارىلىمايلا قالماي، بىر قىسىم دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىپ، ئايروپىلان قاتنىشىنى توختاتماسلىققا قىستىدى. نەتىجىدە ۋىرۇس باشقا دۆلەتلەرگە تارقالدى. چۈنكى، ئۇلار پرېزىدېنت ترامپ قىلغاندەك قىلمىدى».

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت