«خىتاينىڭ سولژېنىتسىنى» لياۋ يىۋۇ: «خىتاي پارچىلانمىسا، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت بولىدۇ»

«خىتاينىڭ سولژېنىتسىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى لياۋ يىۋۇ جۈمە كۈنى «ئەگەر خىتاي پارچىلانمىسا پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە نەشر قىلىنغان «ئوق ۋە ئەپيۈن» ناملىق كىتابىدا تەكىتلىگەن. لياۋ يىۋۇ ئىلگىرى «قىرغىنچىلىق» ناملىق شېئىرنى يېزىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە ياتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، لياۋ يىۋۇ يېڭى نەشر قىلىنغان «ئوق ۋە ئەپيۈن» ناملىق كىتابىدا «خىتاينىڭ 10 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ دۆلەتكە پارچىلىنىشى كېرەكلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ «بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم. چۈنكى خىتاي بۈگۈنكى ھالىتى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن تەھدىت» دېگەن. ئۇنىڭ «ئوق ۋە ئەپيۈن» ناملىق مەزكۇر كىتابى خىتايدا چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە قاناشقان بەزى شاھىتلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى كىرگۈزۈلگەن.

لياۋ يىۋۇ 2011‏-يىلدىن بېرى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ياشاپ كەلمەكتە. ئۇ «خىتايغا قايتىپ كېتىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەسىلە ئەمەسلىكىنى، پەقەت يۇرتى سىچۈەن مۇستەقىل بولسا قايتىپ كېتىشنى خالايدىغانلىقى ۋە شۇنىڭدا كۆڭلىنىڭ تەسكىن تاپىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا تەكىتلىشىچە، ئۇ شى جىنپىڭنىڭ ئىستىبدات رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ ئىستىقبالىغا «ئىنتايىن ئۈمىدسىز» قارايدىكەن.

لياۋ يۇۋۇ يەنە غەرب دۆلەتلىرىنى تەنقىتلەپ، «تيەنئەنمىن قىرغىنچىلىقىدا خىتاينى تەنقىت قىلغان غەرب دۆلەتلىرى ئەمدىلىكتە خىتاي داۋاملىق كىشىلەرنى قولغا ئېلىۋاتقان، ئۆلتۈرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇ جاللاتلار بىلەن سودا قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن جېدەل قىلىشماقتا» دېگەن. لياۋ يىۋۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرنى قاماق جازالىرىغا بۇيرۇغان، بۇ خەلقئارادا قاتتىق نارازىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ سۆزلەرنى قىلغان.