باۋ توڭ: «خىتاينىڭ قۇدرەتلىك يېڭى داھىيسى تارىختىن ساۋاق ئېلىشى لازىم!»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكۈزۈلگەن 19-قۇرۇلتىيىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆز قاراشلىرىنى «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دېگەن نام ئاستىدا كومپارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن سابىق كومپارتىيە ئەمەلدارى باۋ توڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنى تەنقىدلىگەن.

ئامېرىكىدىكى «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 11-نويابىردىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، باۋ توڭ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاينىڭ ئۈچ مىڭ يىلدىن ئاشىدىغان تارىخىدا كۆپلىگەن خان-پادىشاھلار ئۆز قاراشلىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى باشقۇرماقچى بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇلاردىن ھېچكىم غەلىبە قىلالىغان ئەمەس» دېگەن. شۇنىڭدەك «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دېگەن رامكىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭ ھېچقانچە يېڭىلىق ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ماۋ زېدوڭنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل ئېلىنغان مەزمۇنلار ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەن.

باۋ توڭ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «‹چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش› سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغاندا، شۇنىڭدەك ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دا مىليونلىغان كىشىلەر ‹تازىلانغان› دىمۇ ماۋ زېدوڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ھېس قىلالمىغان. ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا ھېچكىم ماۋ زېدوڭغا قارشى چىقالمىغان» دېگەن.

ئۇ يەنە تارىختىكى چىن سۇلالىسىنى قۇرغان چىن شىخۇاڭ، جۇ خانىدانلىقىنىڭ زالىملىقتا داڭقى چىققان پادىشاھى جۇ لىۋاڭ ۋە مىڭ سۇلالىسىنى قۇرغان جۇ يۇەنجاڭ قاتارلىقلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئۆز قاراشلىرىنى باشقىلارغا تېڭىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى غايەت زور تىراگېدىيەلەر بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، باۋ توڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى بولۇپ، 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئوقۇغۇچىلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ ھېلىمۇ ئاشكارا بولغان قاتتىق نازارەت ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.