ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2015.12.18
ياۋروپا پارلامېنتى، ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ماقۇللاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن تېررورلۇق، قانۇنسىز كۆچمەنلەر، كىلىمات ئۆزگىرىشى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ تىبەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەتكە قېقىشتەك قاتتىق قول سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.
ياۋروپا پارلامېنتى خىتايدىكى پائالىيەتچىلەر، ئادۋوكاتلار، ئىلمىي خادىم ۋە ئاممىۋى گۇرۇھ ۋەكىللىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇن لايىھەسىگە، تور بىخەتەرلىك قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ بەلگىلىمىلەر پۇقرالارنىڭ يىغىلىش، سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، خىتايدىكى ياۋروپا كارخانىلىرىغا ۋە تەشكىلاتلىرىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
بۇ يىل ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي مۇناسىۋەت دوكلاتى 16-دېكابىر ياۋروپا پارلامېنتىدا ئاۋازغا قويۇلغان. دوكلاتقا ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 554 ئەزا قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، 55 ئەزا قارشى ئاۋاز بەرگەن، 99 ئەزا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.