خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەن
2024.12.31
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى خاككېرلىرىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ بىخەتەرلىك توسۇقىدىن ئۆتۈپ، نۇرغۇن ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن بۇ ھەقتىكى مەكتۇپىدا، 2024-يىلى 12-ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىر «زور ۋەقە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەكتۇپتا، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ Beyond Trust ناملىق 3-تەرەپ تور بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىسى سۈپىتىدە سۇقۇنۇپ كىرىپ، شۇ ئارقىلىق تېخى مەخپىيەتلىك دەرىجىسى قويۇلمىغان ھۆججەتلەرنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قارىتىلغان بۇ قېتىملىق تور ھۇجۇمى، دۆلەت ھامىيلىقىدىكى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ يېقىندا ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ، مىليونلىغان ئامېرىكالىقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوغرىلاپ كېتىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا تېلېفون ئالاقە سىستېمىسىغا قارىتىلغان شۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى «كەڭ كۆلەملىك ۋە ئىنتايىن جىددىي تور جاسۇسلۇق ھۇجۇمى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى رەت قىلىپ، بېيجىڭ «ئامېرىكانىڭ خىتايغا قاراتقان پاكىت ئاساسى بولمىغان تۆھمەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دېسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھۇجۇم «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىگە چېتىشلىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىلگىرى تولۇق ھۆججەتلەشكەن مەشغۇلات ئەندىزىلىرىگە ماس كېلىدىغانلىقى» نى ئېيتقان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پالاتا ئەزالىرىغا مەلۇم قىلىشىچە، خاككېرلار مالىيە مىنىستىرلىقى ئىشخانىسىنى يىراقتىن تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتىنى قوغداشتا ئىشلىتىدىغان ئاچقۇچىنى قولغا چۈشۈرۈۋالغان. نۆۋەتتە، خىتاي خاككېرلىرىنىڭ قانداق ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقى مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار ئورگانلار تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.