خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان خوڭكوڭدىكى ئامېرىكا شىركىتىنى ئاختۇرغان
2023.05.23
ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭدىكى «مىنتىز گۇرۇھى» ناملىق ئۇچۇر مەسلىھەت شىركىتى بۇ يىل 3-ئايدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلغان. «ئاسىيا مالىيە» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، «مىنتىز گۇرۇھى» ئاختۇرۇلۇشتىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك زەنجىرى ئۈستىدىن كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانىكەن. خەۋەردە، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئىلگىرى بۇ شىركەت بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئۇلارنى شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىشىنى، ئۇيغۇر ئېلىغا ئوخشاش «چەكلەنگەن رايون» دىن يىراق تۇرۇشنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، لېكىن بۇ شىركەتنىڭ يېقىنغا قەدەر تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
«ئاسىيا مالىيە» گېزىتىنىڭ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، بۇ شىركەت ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاپ، ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دوكلات توردىن ئېلىۋېتىلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «منتىز گۇرۇھى» نىڭ خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاختۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەر خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى بۇ شىركەت بىلەن قەرەللىك كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى شىركەتلەرنى تەكشۈرۈشتىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. «مىنتىز گۇرۇھى» نىڭ بىر دىرېكتورى : «ئۇلار بىزگە قايسى ساھەلەرنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ كەلگەن. شىنجاڭ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى» دېگەن.
ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ كۈنتاختا باتارېيەسى ۋە ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بەزى غەرب پارلامېنتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن.