ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى خىتاينىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پورتقا يېقىنلاشقاندا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان يېڭى تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
رويتېرس ئاگېنتلىقى (Reuters) نىڭ 27-سېنتەبىردىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى 26-سېنتەبىر كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيەلىك ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئۇ باياناتىدا يەنە بۇ ھادىسىنىڭ ھەربىي قۇۋۋەت ۋە دېڭىز ئۇرۇشىدىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تېخنىكا قابىلىيىتىنى كېڭەيتىشكە جىددىي تىرىشىۋاتقان خىتايغا ئېغىر زەربە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكادىن قالسىلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيەسى كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇ جەھەتتە ئامېرىكاغا ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەت ئېلان قىلغانلىقى مەلۇم. ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە 370 دىن ئارتۇق زور تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتى بار بولۇپ، خىتاينىڭ يەنە يادرو ئوق بېشى سەپلەنگەن يېڭى بىر ئەۋلاد يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساشقا كىرىشكەنلىكى بىلىنمەكتە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد بىرىنچى دەرىجىلىك يادرو ئېنېرگىيەلىك ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى، بۇ يىل 5-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم بىر پورتنىڭ يېنىدا چۆكۈپ كەتتى».
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھادىسە توغرۇلۇق سورالغان سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «سىز تىلغا ئالغان ئەھۋالدىن خەۋىرىمىز يوق ئىكەن، ھازىرچە بۇ توغرىلىق سىزگە بېرىدىغان ئۇچۇرىمىز يوق» دېگەن.
ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارى بۇ ھادىسىگە قارىتا مۇنداق دېگەن: «بۇ ھادىسە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى مەسئۇلىيىتى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر سوئاللارنى پەيدا قىلىدۇ».
