خىتاي ياپونىيەگە ياسۇكۇنى بۈزرۈكۋارلىقى زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي پەيشەنبە كۈنى ياپونىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماساتو كىتېرانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ياسىكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى بۈزرۈكۋارلىقىنى زىيارەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ليۇ جېنمىن ئەلچى ماساتو كىتېراغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ياپونىيەنىڭ ئىپادىسى ۋە ۋەدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىدىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىرغان. بولمىسا، ئۇنىڭ ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيە پەيشەنبە كۈنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن. شۇ كۈنى باش ۋەزىيەت شىنزۇ ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ 2 نەپەر كابىنېت ئەزاسى ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلىپ، 2 - ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرگە دۇئا قىلغان. شىنزۇ ئابې ئىلگىرى ئۆزى باش ۋەزىرلىك قىلغان 2006 ۋە 2007 - يىللىرى ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇ بۇ قېتىم بۈزرۈكۋارلىقىنى زىيارەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق بۈزرۈكۋارلىقىنى زىيارەت قىلغان كابىنېت ئەزالىرىغا زىيارەت قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر بىر كابىنېت ئەزاسى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا قاراپ، زىيارەت قىلىش - قىلماسلىققا قارار قىلىشى كېرەك، دېگەن.