پىرېزىدېنت بايدېن: خىتاي ياسىغان ئاپتوموبىل يۇمشاق دېتاللىرى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت
2024.02.29
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنى بۇ يۇمشاق دېتاللار ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش باشلاشقا بۇيرۇغان.
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن 29-فېۋرال كۈنىدىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«خىتاينىڭ يەرشارى ئاپتوموبىل سانائىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۇرۇنۇشى ئامېرىكاغا ئېنىقلا بىخەتەرلىك خەۋپى ئېلىپ كەلمەكتە. چۈنكى يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار بىزنىڭ پۇقرالىرىمىز ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك سەزگۈر سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىپ، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتايغا ئەۋەتەلەيدۇ. بۇنداق ئاپتوموبىللارنى يىراقتىن كونترول قىلغىلى ۋە ئىشلىمەس قىلىپ قويغىلى بولىدۇ.»
خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ تەكشۈرۈش بۇيرۇقى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا سانائىتىنى خىتاينىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان تور ھۇجۇمى تەھدىتىدىن قوغداش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئامېرىكادىكى ماشىنىلاردا بەزى زاپچاسلارنى ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنكەن.
پرېزىدېنت بايدېن باياناتىدا، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەگەر چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئاپتوموبىل سىستېمىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكەن تەقدىردە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلەر ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى زامانىۋى تېخنىكىلار بىلەن ياساپ چىقىلغان ماشىنىلار يۇمشاق دېتاللار بىلەن كومپيۇتېرغا ئۇلىنىدىغان بولۇپ، ئۇ سېنزور، ئەپ ۋە كامېرا ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى توپلىيالايدىكەن.
ئالدىنقى ھەپتە، بايدېن ھۆكۈمىتى يەنە ئامېرىكانىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا 20 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانىنى جاكارلىغان بولۇپ، ئۇمۇ ئامېرىكانىڭ پورتلىرىدا قوللىنىلىۋاتقان خىتاي ياسىغان ئىلغار يۇمشاق دېتاللارغا ئىگە كىرانلارنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى چىقىش قىلغانىكەن.