مىچېل باچېلېتنىڭ بولغۇسى خىتاي زىيارىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل باېلېتنىڭ زىيارەتتە بولۇش تەلىپىگە قوشۇلغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىچېل باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى ماي ئېيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇ باشلاپ بارغان ئۆمەك ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ زىيارەتتە بولىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 200گە يېقىن پۇقراۋىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە كوللېكتىپ بايانات ئېلان قىلىپ، مىچېل باچېلېتكە «شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچلىك ھەققىدە تەييارلاپ چىققان دوكلاتنى تېزدىن ئېلان قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.

كوللېكتىپ باياناتتا ئېيتىلىشىچە، مىچېل باچېلېت ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ 2021-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان. د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مىچېل خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى بەكمۇ ئۇشتۇمتۇت ئېلان قىلىندى. ئەمما مەسىلە ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىمىسىز زىيارەت قىلىش ئىمكانىغا ئىگە بولۇش ياكى بولالماسلىقىدا» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىچېل باچېلېتنىڭ خىتايدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا تەكشۈرۈشتە بولۇش تەلىپىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن رەت قىلىپ كەلگەنىدى. بىر قىسىم چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەكشۈرۈش ۋە ئېكىسكۇرسىيەدە بولغان «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىن تەييارلانغان ئورۇنلار ئىكەنلىكىمۇ باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغانىدى.