خىتاي 2014-يىلىدىمۇ تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014.12.04

خىتاي تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2014-يىللىق تور ئەركىنلىكى دوكلاتىدا خىتاي تور ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئىنتېرنېت تورىنى ئىدېئولوگىيە كۈرىشى قىلىدىغان نىشانغا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرىدىغان ئورگاننىڭ باشلىقى بولۇش ئارقىلىق بىۋاسىتە ھالدا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىگە قول تىقىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە چىققان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېلىدا تور-ئۇچۇر ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي كېسىۋەتكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تور بېتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن جازاغا ھۆكۈم قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ 2014-يىللىق دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى يىلدىن-يىلغا كەينىگە چېكىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىران، ئىتىئوپىيە، سۈرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ۋىيېتنام ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق 9 دۆلەت بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا تىزىلغان.

ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، ئىسلاندىيە، گېرمانىيە، ئىستونىيە، فىرانسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق 9 دۆلەت بولسا ئىنتېرنېت ئەڭ ئەركىن دۆلەتلەر بولۇپ باھالانغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.