خىتاي باش مىنىستىرى خىتاينى ئىشسىزلىق كرىزىسىغا پېتىپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرغان

خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ خىتاينىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئىقتىسادتا چېكىنگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشسىزلىق كرىزىسىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى كېچىياڭ بۇ ئىشسىزلىق كرىزىسىنى «مۇرەككەپ ھەم قىيىن ۋەزىيەت» دەپ ئاتىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، خىتايدىكى 31 شەھەردە 3-ئايدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى تارىختا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خۇسۇسىي كارخانىلارغا زەربە بېرىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى يۆلىگەن؛ بۇنىڭ بىلەن ئىشسىزلار تېخىمۇ كۆپەيگەن. نۆۋەتتە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئادەم قىسقارتىشى داۋاملىق كۆپەيمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا «ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي يوقىتىش سىياسىتى» يۈرگۈزۈپ، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزى بولغان شاڭخەينى ۋە باشقا بەزى شەھەرلەرنى قامال قىلىپ، ئىقتىسادتا ئېغىر چېكىنىش پەيدا قىلغانىدى، ھالبۇكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنداق بولغاندا، خىتاي ئىقتىسادى تېخىمۇ خاراپلىشىپ، ئىشسىزلىق ئەۋج ئالىدىكەن.

خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىي ۋەيران بولۇپ، ئىشسىزلار كۆپىىيىپ كەتسە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىمۇ خەۋپكە ئۇچرايدىكەن. شۇنداقتىمۇ خىتاي رەئىسى جىنپىڭ چوڭ شوئارلارنى توۋلاپ، ئۆز ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەش بىلەن ئاۋارە بولىدىكەن. لى كېچىياڭ قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بۇ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.