خىتاي 2015-يىلى ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ قاماققا ئېلىنغان دۆلەت بولۇپ باھالاندى

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دۇنيا مىقياسى بويىچە مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان تىزىملىككە ئاساسلانغاندا، خىتايدا جەمئىي 49 نەپەر ژۇرنالىست تۈرمىدە يېتىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ژۇرنالىستلارنى قاماشتا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مىسىر 23 نەپەر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى بۇ ئىككى دۆلەتنى «مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ ناچار دۆلەتلەر» دەپ باھالىغان.

ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتە خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ژۇرنالىستلار ئىچىدە ئەكبەر ئىمىن، ئاتىكەم روزى، ئابدۇقېيۇم ئابلىمىت، مۇتەللىپ ئىمىن، شۆھرەت نىجات، پەرھات خالمۇرات، ئىلھام توختى، غەيرەت نىياز، نىجات ئازاد، نىياز قاھار، گۈلمىرە ئىمىن، تۇرسۇنجان ھېزىم، مەمەتجان ئابدۇللا ۋە ئەكبەردىن جامال قاتارلىق 14 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.

مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، 2015-يىلى ئىچىدە دۇنيا بويىچە جەمئىي 71 ژۇرنالىست خىزمىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان، 199 نەپىرى تۈرمىگە تاشلانغان. 2015-يىلى ژۇرنالىستلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان 4-يىل بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.