خېيلوڭجاڭدا 2000 دىن ئارتۇق ئىشچى نارازىلىق نامايىشى قىلدى

16-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېيلوڭجاڭ ئۆلكىسى جىشى شەھىرىدە 2000 دىن ئارتۇق ئىشچى 6 ئايدىن بۇيان تۇتۇپ قېلىنغان ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلدى.

ئۈندىدارغا يوللانغان رەسىملىك خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن، جىشى شەھىرى بېيگاڭ پولات شىركىتىگە قاراشلىق زاۋۇتتىكى 2000 دىن ئارتۇق ئىشچى «بىز ياشىشىمىز كېرەك، تاماق يىيىشىمىز كېرەك،ئىش ھەققىمىز بېرىلسۇن» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈپ جىشىن شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلغان.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيگاڭ پولات شىركىتى شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار دېگەننى باھانە قىلىپ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئىشچىلارنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق پۇلىنى تۈتىۋالغان. 6 ئايدىن بۇيان ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىمۇ توختىتىلغان. بۇ ئەھۋال ئىشچىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بېيگاڭ پولات زاۋۇتى ئىشچىلىرى 15-سېنتەبىر يەكشەنبە نارازىلىق نامايىشىنى باشلىغان بولۇپ، 16-سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى 2000دىن ئارتۇق ئىشچى ئىش تاشلاپ شەھەر مەركىزىدە نارازىلىق نامايىشى قىلغان.