ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى خەلق نامايىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.29

ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئون نەچچە شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان خەلق نامايىشىغا قارىتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 28-نويابىر كۈنى رەسمىي ئىنكاس قايتۇردى. ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ نامايىشلار توغرىسىدا «بىز ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى ھەممىلا كىشىنىڭ تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ كېلىۋاتىمىز» دېيىلىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىربىي (John F. Kirby) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «پرېزىدېنت دۇنيادىكى نامايىشچىلار ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بۇ توغرىلىق سۆز قىلىدۇ» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئاقساراينىڭ خىتايدىكى نامايىشلار ھەققىدىكى باياناتى ئۇلارنىڭ ئىراندىكى خەلق نامايىشىغا قارىتا ئېلان قىلغان سۆزلىرىگە سېلىشتۇرغاندا سۇس بولغان. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى تېد كرۇز (Ted Cruz) ئۆزىنىڭ ھەقتىكى باياناتىدا تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىزچىل يالغان سۆزلەپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى بولسا بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ سىستېمىلىق ھەقلەر دەپسەندىچىلىكى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى بىلەن بىر يەردىن چىقىۋاتىدۇ» دېگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» بۇ خىل كۈچلۈك تەنقىدنى ئىپادىلىگەنلەردىن يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كېۋىن ماككارتىي (Kevin McCarthy) نىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭمۇ تېد كرۇزغا ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە مەسلىھەتچىلەر، جۈملىدىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى بروكىڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى رايان خاس (Ryan Hass) ئاقساراينى خىتايدىكى خەلق نامايىشىغا ئارىلاشماسلىق، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى «چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقى» دېيىشىدىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىپ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.