خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھىرىگە قاراشلىق سۈيشى ناھىيىسىدە داۋام قىلىۋاتقىنىغا بىر ئايدىن ئاشقان پۇقرالارنىڭ نارازىلىق نامايىشى بۈگۈن يۇقىرى پەللىگە چىققان. نەتىجىدە خىتاي قوراللىق ساقچىلىرى نامايىش قىلغۇچىلار بىلەن تىركىشىپ ئونلىغان كىشىنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغان.
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالغان يەرلىك زومىگەرلەر بىرلىكتە بۇ ناھىيە تەۋەسىدە «شېشىن ئېلېكتر ئىستانسىسى» نامىدا قۇرۇلۇش باشلىغان. نەتىجىدە 700 مو يەرگە سېلىنماقچى بولغان قۇرۇلۇش تەستىق بولمىغان ھەمدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەر تاماملانمىغان ئەھۋالدا دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يېرى، باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىقلارنى ئىگىلىۋالغان ھەمدە تۆلەم بېرىشنى رەت قىلغان.
يەردىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلار بۈگۈنگە قەدەر كۆپ قېتىم نارازىلىق نامايىشى قىلغان بولسىمۇ، ھەربىيلەرنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشى بىلەن تارقىتىۋېتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى 9-قېتىملىق زور توقۇنۇش كېلىپ چىققان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا بۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشى كۆپ يۈز بەرسىمۇ، «مۇقىملىق» نى باھانە قىلغان خىتاي دائىرىلىرى ھەرقاچان قوراللىق ساقچىلار ھەمدە ھەربىيلەرنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق بۇ خىل نامايىشچىلارنى قوغلاپ كەلمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار دىيارىدا بولسا بۇ خىل نارازىلىقلار ھەر زامان قوراللىق باستۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار بۇنى «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش ئۇسۇلىنىڭ ئەمىلى مىسالى» دەپ كۆرسىتىدۇ.